بارلىق تۈرلەر
چوڭ تۈر تىزىملىك
دىيانەت تورتېخنىكىسى»مۇنبەر تېخنىكا رايونى توربېكەت باشقا ئۆزىڭىزگە خاس ئېلخەت ساندۇقىنى قۇرۋېلىڭ !
  • ebrayim 2018-11-13 21:35 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى مەزمۇنلار سىزنى كۈتمەكتە !

  • ebrayim 2018-8-7 01:12 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلالاشتۇرۇش بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ .... تاقاش ئېلىپ بېرىلمايدۇ ....

  • ebrayim 2018-6-2 18:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    بېكەت يېڭى مەزمۇنلار يېڭىلىنىشقا باشلايدۇ ! نەزىرىڭىلار بېكەتتە بولسۇن !

  • XamXar 2018-4-21 23:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلوگ داشلار ياخشىمۇ،javaياكىC++غا ئىھتىياجى بارلا بامۇ

مەنمۇ يوللاي
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كۆرۈش: 986|ئىنكاس: 1

[تېخنىكا ئورتاقلىشىش] ئۆزىڭىزگە خاس ئېلخەت ساندۇقىنى قۇرۋېلىڭ !

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

51

تېما

67

يازما

721

جۇغلانما

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

  • بېكەت مەسئۇلى
  • تىللا : 629
  • دىيانەت پۇلى : 5
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيرىلىك بولسۇن !  ئېلخەت ساندۇقى ھازىر خېلى ئومۇملىشىپ قالدى ، قانداق يەرگە تىزىملاتمايلى ئېلخەت دەلىلەش دەپ بار !سۆزلىشىش دىتاللىرى ھازىر پۈتۈنلەي ئومۇملىشىپ كەتكەن بىلەن يەنە بىر قىسىم مەشغۇلاتلار يەنىلا ئېلخەتتىن ئايرىلالمايدۇ !
    ھازىرقى ئابۇنىت سانى كۆپ ئېلخەت ساندۇقىلىرىدىن : QQ邮箱,网易邮箱 بار. ھەممىمىزدېگەندەك مۇشۇ ئىككى ساندۇقىنى ئىشلىتىمىز !
    بۇلارنىڭ ئېلخەت شەكلى : xxx@163.com بىلەن xxx@qq.com ھالەتتە !
    بۇ دەرىسلىكتە بىز قانداق قىلىپ ئۆزتورئىسىمغا ئېلخەت ساندۇقى قىلىشنى سۆزلەپ ئۆتىمىز ! مەسلەن : ebrayim@dyanat.net xxx@dyanat.net ھالەتتە !


    1.ھېسابات تىزىملىتىش
    تېڭشۈن كارخانا ئېلخەت مۇلازىمىتى
    توربېكەت ئادرىسى : بۇيەرنى بېسىڭ !
    ھازىر توربېكىتىمىزنىڭ ئېلخەت ساندۇقىمۇ مۇشۇنى ئىشلىتىۋاتىدۇ ! بۇنىڭ ھەقسىز يۈرۈشلىكى بار، ئادەتتىكى توربېكەت ۋە شېركەتلەرنى قامدىيالايدۇ ! ئەگەر بەك چوڭ شېركەت -كارخانا بولسا ھەقلىق يۈرۈشلۈكنى تاللاپ سېتىۋالساڭلار بولىدۇ !

    20181122023840.jpg
    ئۈستىدىكى ئۇلىنىش بويىچە بېكەتكە ھەقسىز نۇسخىسى ئاستىدىكى 立即开通 «دەرھال ئېچىش» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تىزىملىتىش بېتىگە كىرىمىز !
    تىزىملىتىش بېتىگە كىرىپ ، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ۋە دەلىلەشنى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ئېچىشنى بېسىپ ھېسابات قۇرۇپ سېستىمغا كىرىمىز !

    2. ئىسىم ئۇلاش
    بىز تىزىملىتىپ بولغاندىن كېيىن بەت ئاپتۇماتىك بىزنىڭ ئىسىمغا ئۇلاشقا ئۇلىنىدۇ  !(تۆۋەندىكى رەسىمدەك)

    ئۆزىمىزدە بار ئىسىمىنى كىرگۈزسەك ياكى ئۇدۇللا بۇيەردىن ئىسىمنى تىزىملاتساقمۇ بولىدۇ !

    مەن ئۆزۈمدە بار ئىسىمىنى كىرگۈزدۈم ، kinoqi.co ، كىيىنكى قەدەم !


    كىيىنكى قەدەمدە بىزنى ئىسىم ئۇلاش ئېلىپ بېرىشقا بۇيرىيدۇ ! (تۆۋەندىكى رەسىمدەك)




    بۇنى بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىسىم تىزىملاتقان ئورۇننىڭ ئىسىم باشقۇرۇش ئورنىغا كىرىپ ، ئۇلاش ئېلىپ بارىمىز !



    يۇقارقى رەسىمدەك ھالەتتە خاتىرە قوشساق بولىدۇ ! ئاندىن تاپشۇرۋەتسەكلا بولىدۇ !
    بىز ئىسىمنى ئۇلاپ بولغاندىن كېيىن ، ئازراق ۋاقىت دەلىلەش ئېلىپ بارىدۇ ، ئىشقىلىپ بىز توغرا ئاشۇ خاتىرىلەرنى قوشساقلا تېزلا دەلىلىنىپ بولىدۇ !


    (تەپسىلىي سۆزلەپ ئولتۇرمىدىم، رەسىمگە قاراپ ياخشىراق كۆرىۋالساڭلار بولىدۇ)


    3. ئەزا قۇشۇش
    ئۆزىمىزنىڭ ئىھتىياجىغا قارىتا قانچىلىك ئېلخەت ساندۇقىنى بۇ يەردە قۇرىمىز ! (ھەقسىز نۇسخىسىدا يۇقىرى چەك 50)



    باشبەتكە قايتىپ كېلىپ ، ئەزا قۇشۇشنى باسىمىز ! (تۆۋەندىكى رەسىمدەك)



    ئاندىن تۆۋەندىكىدەك توشتۇرۇپ ساقلىۋەتسەك يېڭى ئەزا قۇشۇلدى، يەنى يېڭى ئېلخەت ساندۇقى قۇرۇلدى دېگەن گەپ ! (مەن بۇيەردە admin@kinoqi.co قۇرماقچى شۇڭا  مۇناسىۋەتلىك ئورۇنغا admin دەپ توشتۇرۇلدى)





    3. ئېلخەت ساندۇقىغا كىرىش
    ئېلخەت ساندۇقى قۇرۇپ بولۇپ ، بەت ئوڭ ئۈستى تەرەپتىكى 进入邮箱 دېگەننى بېسىپ باشقۇرغۇچى ئېلخىتىگە كىرسەك بولىدۇ !

    ياكى باشبەتتىن باغلىغان ئۈندىدار ئارقىلىق سىكانىرلاپ كىرسەك بولىدۇ !








    ئەمسە بۇ تېمىمىز مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى !  تېخىمۇ كۆپ بىلىملەردىن بەھىرلەنمەكچى بولسىڭىز، نەزىرىڭىز بېكىتىمىزدە بولسۇن ئەمسە !


    گىلاس ئۈندىدار سۇپىسى - ئىزدەش ئىسمى : Gelas樱桃
    ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

    ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

    ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
    • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...

    51

    تېما

    67

    يازما

    721

    جۇغلانما

    Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

  • بېكەت مەسئۇلى
  • تىللا : 629
  • دىيانەت پۇلى : 5
  •  ئىگىسى| ۋاقتى: 2019-1-27 05:45:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇ تېما ئورگىنال ھالەتتە تۇرغىلى خېلى ۋاقىت بولدى ، ئەسلى خېلى بۇرۇنلا يوللىنىپ بولغان بولاتتى ! ئاۋۇ سۇپىغا بىرقېتىم تىزىملىتىپ بولغاچقا ، تۇنجى تىزىملاتقاندا قانداق چىقىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغاچقا  قانداق ئاخىرىنى يېزىشنى بىلمەي قالغان ئېدىم ، بۈگۈن ئەمدى بىر قايتا تىزىملىتىش ئويى بىلەن قايتا تىزىملىتىپ تېمنى يوللىدىم !
    بۇنى ئەسكەرتىشتىكى سەۋەبىم : بۇ ۋاقىتقىچە سۇپىنىڭ خېلى يەرلىرى ئۆزگۈرۈپ كېتىپتۇ ! بۇرۇن ئەسلى ئۈندىدار باغلاش ھاجەتسىز ھەم پارول بېكىتكىلى بولاتتى ، ھازىر چوقۇم باغلاش ۋە پارولنىڭ ھاجىتى قالماپتۇ !
    يەنە تېخى ئەزا قوشقاندا پارول بېكىتكىلى بولمايدىكەن ، چوقۇم ئەزا تەكىلىپ قىلىش ئارقىلىق ئۈندىدارنى باغلاپ ئاندىن كىرگىلى بولىدىغان بوپتۇ !


    شۇڭا ئەسكەرتىپ قويۇشنى توغرا كۆردۈم !
    گىلاس ئۈندىدار سۇپىسى - ئىزدەش ئىسمى : Gelas樱桃
    تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

    سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

    دىيانەت تور تېخنىكىسى بارلىق ھوقۇققا ئىگە . © ( 粤ICP备19079808号-1 )
    Copyright © 2013 www.dyanat.net Inc. All Rights Reserved. دىيانەت تورتېخنىكىسى